Category Archives: Uncategorized

UHRP: Path-breaking Uyghur Tribunal Underway in London

For Immediate Release
Sept 10, 2021 2:00 pm EDT 
Contact: Omer Kanat +1 (202) 816-0598, Peter Irwin +1 (646) 906-7722

The Uyghur Tribunal opened its second session today, hearing testimony from both witnesses and experts. The session continues through September 13, 2021 and is livestreamed here.

“The Party-state has effectively criminalized everyday life from the ground up” for Uyghurs, said UHRP staff member Dr. Elise Anderson in her testimony today. Dr. Anderson’s testimony highlights the findings of UHRP’s 2020 report, “Ideological Transformation”: Records of Mass Detention from Qaraqash, Hotan. The report analyzes a leaked Chinese government document revealing the Hotan government’s ground-level implementation of the mass surveillance detention program targeting Uyghurs and other Turkic peoples. 

“The experts’ testimony is compelling. The Uyghur survivors’ eyewitness testimony is devastating. Anyone who hears it understands why governments must act,” said UHRP Executive Director Omer Kanat. 

Dr. Anderson, UHRP Senior Program Officer for Research and Advocacy, testified that the Qaraqash Document (also known as the Karakax List) provides direct confirmation of the implementation of government policies and tools targeting Uyghurs, including the “Becoming Family” household surveillance program, the police profiling system known as the Integrated Joint Operations Platform (IJOP), guilt by association, and criminalization of everyday activities.

UHRP staff member Peter C. Irwin, Senior Program Officer for Advocacy and Communications, will testify September 13. 

UHRP supports the Tribunal’s mission to review evidence in order to reach an impartial and considered judgment on whether international crimes are proved to have been committed by the PRC. UHRP has supported the Tribunal’s operations with financial assistance, submitting documented evidence, providing translation and interpretation services for Uyghur-speaking witnesses, and providing Uyghur-language interpretation of the Tribunal’s livestreamed proceedings.

The Uyghur Tribunal was launched on September 3, 2020 as an independent tribunal, and is the first formal commission organized to investigate ongoing atrocities against the Uyghurs and  other Turkic peoples in China.

During the first From June 4–7, the Tribunal heard detailed testimony regarding the situation on the ground in East Turkistan. Witnesses described abuses within the concentration camp system and across the Uyghur Region, including torture, sexual abuse, child separation, coercive birth control, and forced labor, as well as the destruction of religious practice and cultural heritage, and other policies to forcibly assimilate Uyghurs and other Turkic peoples.

Tribunal Chair Sir Geoffrey Nice explained in June that the jurisdiction of such a body is “rooted in the obvious right of citizens to fill gaps or voids left by governments, international bodies and courts.”

Read More:

Uyghur Tribunal witness statements

UHRP Praises Path-breaking Uyghur Tribunal, June 7, 2021

China Perpetrating Transnational Repression of Uyghurs on Massive Scale, New Joint Report Reveals, June 24, 2021 

50 Genocide prevention organizations and experts call for UN Commission of Inquiry on crimes against humanity and genocide against Uyghurs, January 14, 2021

“Ideological Transformation”: Records of Mass Detention from Qaraqash, Hotan, February 18, 2020

Boycott China Hegemony: Weekly Newsletter

Join the weekly newsletter from Boycott China Hegemony and keep up-to-date!

NotoBeijing2022: A Citizen’s Call to Action

Uyghur News (Thursday – Wednesday, February 25 – March 03, 2021)

For more new and complete information, please visit Thank you!

Uyghur News (Saturday – Wednesday, February 20 – 24, 2021)

For more new and complete information, please visit Thank you!

Uyghur News (Wednesday – Sunday, February 10 – 14, 2021)

For more new and complete information, please visit Thank you!

Uyghur News (Saturday – Tuesday, February 6 – 9, 2021)

For more new and complete information, please visit Thank you!

Uyghur News (Sunday – Tuesday, January 3-5, 2021)

For more new and complete information, please visit Thank you!

ئىنسانىيەتنىڭ بىر قىسىمى بولغان سىلەرگە خەت

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر پىدائىي تەرجىمانلار گۇرۇپپىسىدىن بىلمەسجان

ناھەقچىلىككە قارشى چۇقان سېلىش ئەسلى ئىنسانىيەتكە تەۋە بولغان ئەخلاقى بۇرچ دەپ قارىلىپ كېلىنگەن ئىدى. ئەمما ھايۋاناتلار دۇنياسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ھايۋاناتلاردىمۇ ئاجىزلارنى قوغدايدىغان خاراكتېرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يەكۈنلەپ چىققان. يۇتۇبتا بەزىبىر قىزىقارلىق سىن-كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىمىز. مەسىلەن، كەركىداننىڭ تىمساھ ئېغىزىدىن جەرەننى قۇتقۇزۇۋېلىشى؛ ياكى ئىت باش مايمۇننىڭ قاپلان ئېغىزىدىن بۆكەننى قۇتقۇزۇۋېلىشى قاتارلىقلار. ئۇلار گەرچە ئوخشاش تۈرگە تەۋە بولمىسىمۇ، بىراق ئاجىزلار ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، بوزەك قىلىنغانلار ئۈچۈن چۇقان كۆتۈرگەن ۋە ئۇلارنى قوغدىغان. پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلغان 21- ئەسىردە بىز ئىنسانلار، ھايۋاناتلار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولماقتىمىز، ئاتالمىش ئورمان قانۇنىيىتى سوئاللارغا ۋە گۇمانلارغا كۆمۈلمەكتە.
ئەپسۇسلىنارلىقى، ھايۋان جېنىدا ئىچ ئاغرىتىشنى بىلىدىغان 21- ئەسىردە، بىر مىليارد 400 مىليون خىتاي خەلقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي يوقىتىش سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك سۈكۈتنى تاللىماقتا. ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئۇيغۇرلار ھېسداشلىق قىلىشقىمۇ، ئاۋاز چىقىرىشقىمۇ ئەرزىمىگۈدەك دەرىجىدە كەچۈرگۈسىز جىنايەت ئۆتكۈزدىمۇ؟
بۇ يەردىكى سەۋەب ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جىنايىتىنىڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۈچ چوڭ ئامىل خىتايلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.
بىرىنچى ئامىل بولسا ئەنئەنىۋى سىياسىي مەدەنىيەت
ئەنئەنە خىتايلارغا دۆلەت دېگەن ئائىلە، باشلىق دېگەن ئاتا-ئانا، خەلق دېگەن ئوت-چۆپ، ۋاپادارلىق دېگەن ئادەم بولۇشنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچىمىدۇر، دەپ تەلىم بېرىدۇ. بىز ۋاپادارلىق (孝) دېگەن خەتكە قاراپ باقايلى. يۇقىرى قىسىمى «老» خېتىنىڭ يېرىمى بولۇپ، تۆۋەنكى قىسىمى بولسا «子» خېتى. «老» خېتى خىتايچىدە ئاتا-ئانا ياكى ياشانغان ئادەملەرنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، قەدىمكى خىتاي تىلىدا يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا بولغان ھۆرمەت نامىدۇر. ئەنئەنىۋى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ جان تومۇرى كۇڭزىچىلىقتۇر. كۇڭزىچىلىقنىڭ ۋاپادارلىققا (孝) بولغان ئۆلچىمى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، «ۋاپاسىزلىق ئۈچ خىل بولىدۇ، پەرزەنت قالدۇرماسلىق ئەڭ چوڭ ۋاپاسىزلىقتۇر (不孝有三,无后为大)» دېگەندەك تەلىماتلىرى بار. كۇڭزىچىلىق تەشەببۇس قىلغان مەدەنىيەتتە، ئادەم، ئائىلە ۋە دۆلەت بىر گەۋدە قىلىنغان. شۇڭا كۇڭزىچىلىق تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى سىياسىي مەدەنىيىتىدۇر. كۇڭزىچىلىقنىڭ خىتايلارغا سىڭدۈدىغىنى بولسا «ئائىلىنى ئاساس قىل، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلە، بولمىسا ۋاپاسىز پەرزەنت بولۇپ قالىسەن.» دېيىشتىن ئىبارەت. ئەمەلدار ئۇقۇمى ئاتا-ئانا ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ، دۆلەت ئۇقۇمى ئائىلە ئۇقۇمى بىلەن ئوخشاش بولغاندىن بېرى، خىتايلارنىڭ تەپەككۇر ئېڭىدە ۋاپادارلىقنىڭ دائىرىسى ئەمەلدارلارغا، ھۆكۈمەتكە بولغان ۋاپادارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ قالغان. ئاددىي خەلققە نىسبەتەن ھۆكۈمەت ۋە ئەمەلدارلار مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، مەيلى چىرىك بولسۇن قارشى تۇرۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ۋاپاسىزلىق بولىدۇ.
شۇڭا خىتاي دۆلىتىدە ھۆكۈمەت ۋە ئەمەلدارلار قانداق يامان ئىش قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ ھايات ياشىشىغا رۇخسەت قىلسىلا، پۇقرالار قارشىلىق بىلدۈرمەيدۇ. خىتاي تارىخىدىكى ھۆكۈمەتكە بولغان قارشىلىق، سۇلالىلەرگە قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلار ئاساسى جەھەتتىن پۇقرالار ياشاشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ھايات قېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ قىلمىشلىرىغا قارشى ئورنىدىن تۇرۇشقا مەجبۇرى بولغان. خىتايلار ئاخىرقى تىنىقى قالغۇچە، ئات، كالا بولۇش روھىنى ۋاپادارلىق دەپ قارايدۇ. خىتايلار ئەزەلدىن ئىنسانىي غۇرۇر، شەخسىي ئىرادە ئۈچۈن ياشاپ باققان ئەمەس. تارىختا ئۆتكەن خاندانلىقلاردا ھوقۇقدارلار ۋە ھاياسىزلار(犬儒) بىرلىشىۋېلىپ، ياشاش ھوقۇقى بېرىش ياكى بەرمەسلىك بىلەن ئاۋامنى ئات، كالا بولۇشقا مەجبۇرلاپ، بۇنى سىياسەت يۈرگۈزۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئەڭ ئوبدان ئۇسۇل قىلىپ كەلگەن. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋاتقان «خىتايدا ياشاش ھوقۇقى، ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇقتۇر» دېگەن تەشۋىقاتى ئەمەلىيەتتە پارتىيە مەدەنىيىتىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تارىخىي مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلغان. ياشاش ھوقۇقى ئىنسانىيەت دۇنياسى ۋە ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاساسى ھوقۇق بولۇۋاتقان 21- ئەسىردە، خىتايدا ئەكسىنچە ئالىي ھوقۇق دېيىلىپ كۆككە كۆتۈرۈپ داۋراڭ قىلىنماقتا. ئەمەلىيەتتە ياشاش ھوقۇقى بولسا خىتايدىكى بىردىنبىر كىشىلىك ھوقۇقتۇر.
خۇلاسىلىساق، ياشاش ھوقۇقى كىشىلەرنىڭ بىردىنبىر ھوقۇقى بولغان ۋاقىتتا، شەخس باشقا بارلىق جانلىقنىڭ ياشاش بوشلۇقىنى تارايتىدۇ ۋە ئۇنى تارتىۋالىدۇ. مانا بۇ خىتايدا ھاياتلىقنىڭ نېمە ئۈچۈن ھېچقانداق مېتافىزىكىلىق (ئابستراكت) مەنىگە ئىگە بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. ياشاش ھوقۇقىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئاخىرقى قورغان ئۈچۈن، ھەممە ئادەم شەخسىيەتچى بولۇپ كېتىدۇ، باشقىلارنىڭ ھاياتىنى نەزەرگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ. خىتايلار نېمىنى كۆرسە شۇنى يەيدۇ، خەلقنى ۋەيران قىلىدۇ، ئاچ قالغان چاغدا ئاجىزلارنى يەيدۇ. مەسىلەن، بالىلارنى. مانا بۇ ھادىسىلەر خىتايلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى چەكلىمىسىز ھالدا كېڭەيتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ياشاش ھوقۇقى ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقىغا ئايلانغان ۋاقىتتا، خىتايدا كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى باشقا ھوقۇقلىرىنى سىغدۇرىدىغان بوشلۇق ئاللىقاچان قالمىغان بولىدۇ. شۇڭا خىتايدا يولدىن ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلار بىر كىچىك بالىنى ئارقا-ئارقىدىن دەسسەپ ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتتا، ياشاش ھوقۇقى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان باشقا ئادەملەر، كۆز ئالدىدىكى بۇ دەسسىلىۋاتقان ئاجىز جانغا شەك-شۈبھىسىز ھالدا پىسەنت قىلماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. خىتايدا ئۆزلىرىنىڭ ياشاش ھوقۇقى خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، باشقىلارنىڭ ھاياتى بىلەن ھېسابلاشمىسىمۇ بولىدۇ. شۇڭا خىتايدا ساغلام ئىنسان ئورگانلىرىنىڭ باھاسى ئېنىق يېزىلغان. خىتايدا پەقەت پۇللا بولسا، ھەرقانداق بىر دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ساغلام ئورگانغا ئېرىشكىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ ساغلام ئورگان بىر تىرىك ئىنساننىڭ بەدىنىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ ئورگاننىڭ ئەسلى ئىگىسى ياكى بىر ئۇيغۇر ياكى بىر تىبەت ۋە ياكى ياشاش ھوقۇقىدىن سىرت ئازراق دىنىي ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان بىر فالۇنگۇڭ مۇرىتى. خىتايدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر بوغۇزلانماقچى بولۇپ سولاپ قويۇلغان ئات، كالىنىڭ ئورنىدا، ئەمما خىتاي خەلقى بولسا سولاقنىڭ سىرتىدىكى قۇللاردۇر. سولاقنىڭ سىرتىدىكىلەر سولاقنىڭ ئىچىدىكىلەرنى يېيىش ئارقىلىق ياشاش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىغان ۋەقەلەر بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ ئەزەلدىن كارى بولمايدۇ.
ئىككىنچى ئامىل بولسا نادانلاشتۇرۇش تەشۋىقاتى
ئادەمنىڭ ھوقۇقى ئەڭ ئاساسىلىق ياشاش ھوقۇقىغا تارايتىلغان ۋاقىتتا، نادانلاشتۇرۇش تەلىم-تەربىيەسى ۋە تەشۋىقاتى ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ. «بۇغىنى ئات كۆرسىتىش (指鹿为马)» خىتايلارنىڭ تىپىك تەمسىلى بولۇپ، بۇنىڭدا باشقىلارغا تەھدىت سېلىپ، ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغان ھېكايە سۆزلەنگەن. ئۇچۇر دەۋرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نادانلاشتۇرۇش تەلىم-تەربىيەسىگە نىسبەتەن خىتاي خەلقىنىڭ كۆڭلىدە سان بار، ئەمما ياشاش ھوقۇقى ئۇلارنىڭ كانىيىدىن ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئاشقۇنلار دەپ ئېلان قىلىپ، ئاندىن ئۇستىلىق بىلەن پىلانلانغان «تېررورلۇق ۋەقەلىرى»نى پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ-كىچىك مېدىيالاردا 24 سائەت توختىماي تەكرار قويۇش ئارقىلىق، بارلىق ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاشنىڭ سەۋەبلىرىنى يوللۇقلاشتۇردى.
ئەركىنلىك ئۈچۈن ياشاش روھى ۋە ۋىجدان ئادەمنىڭ تەبىئىتىدۇر. خۇددى 89- يىلىدىكى «4- ئىيۇن ۋەقەسى»دە ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى ئارقىلىق خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلگەندەك، خىتايلارنىڭ ئارىسىدىمۇ دىكتاتۇرلارغا «ياق!!!» دېيەلەيدىغان ئىرادىلىك ئادەملەر بار. مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭگۈشتىرى بولسا «توخۇنى ئۆلتۈرۈپ، مايمۇننى قورقۇتۇش (杀鸡骇猴)»تىن ئىبارەتتۇر. ناھەقچىلىككە قارشى كۆكرەك كېرىپ چىققان بىر قانچە جامائەت ئەربابلىرىغا كېسىم ئېلان قىلىش؛ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشنىڭ ئىجابىي يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش؛ غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، نەچچە مىليون تور «بەش مو»لىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش تەشۋىقاتلىرى ئېلىپ بېرىش…، بۇ تاكتىكىلارنىڭ ھەممىسى ئۈنۈمىنى ناھايىتى ياخشى كۆرسەتكەن بولۇپ، چەتئەلدىكى خىتايلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە يان بېسىپ، ئۇيغۇرلارغا جازا يۈرگۈزىدىغان سەپكە قېتىلغان. قالغان چەتئەلدىكى ئاتالمىش خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە ئىتتىپاقچىلار غەزەپلەنگەن خىتاي خەلقىنىڭ تۈكۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ، ئاساسىي ئېقىمغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىككە كۆز يۇمماقتا.
بىر قېتىملىق يىغىندا، مەشئەلنىڭ بىر ئەزاسى بىلەن ئوخشاش گۇرۇپپىدىكى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن بىر خانىم ئۇنىڭ قول كومپيۇتېرىغا چاپلانغان كىچىك قىزنىڭ رەسىمىگە قىزىقىپ قېلىپ، كىملىكىنى سورىغان. بۇ ئەزا قىزى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ خانىم ئۇنىڭ يەنە بىر ئوغلىنىڭ بارلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىزىنىڭلا رەسىمىنى كومپيۇتېرغا چاپلاپ قويغانلىقىنى، قىزىنى بەكرەك ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنمۇ؟، دەپ سورىغان. مەشئەلنىڭ بۇ ئەزاسى ئۇ خانىمغا چۈشەندۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە، قىزلىرىنى قوغداش دادىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا قىزلارنى بەك يىراققا ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلمايدىغانلىقىنى، شۇنداق بولغاندىلا ئوغۇل تەرەپنىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ-قىلمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرالايدىغانلىقىنى، ئېيتقان. بۇ خانىم تېخىمۇ قىزىققان ھالدا ئۇنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىنى سورىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىدا، ئۇ خانىمنىڭ چىراي ھالىتى ئىنتايىن غەلىتە ئۆزگەرگەن ۋە بىر پەس جىم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن: «سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئېسىل ئەنئەنەڭلارنىڭ بارلىقىنى ھەقىقەتەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن، بىز خىتايلارنىڭ ئەنئەنىسىدە ئوغۇللارنى ئەزىزلەپ، قىزلارنى پەس كۆرىدۇ، شۇڭا ھازىر 30 مىليون نىسبەتتىن ئارتۇق ئوغۇل بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى.» دېگەن. ئۇنىڭ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمىز. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا «ياۋايى» ۋە «قالاق» دېگەن تامغىنى بېسىپ قويغان. يېقىندىن بېرى «تېررورچى» قالپىقىنى كىيگۈزۈپ، مىللىتىمىزنى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ.
ئۈچىنچى ئامىل بولسا خىتايلار ئىزچىل چەمبىرەك ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ
لۇشۈن خىتاي مەدەنىيىتىنى خۇلاسىلىگەن چاغدا «5 مىڭ يىللىق خىتاي مەدەنىيىتى، 4 مىڭ يىللىق ئادەم يېيىش تارىخى» دېگەن. «ئادەم يېيىش» خىتايدىكى بەزىبىر سولچىل زىيالىيلارنىڭ خىتاي ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن قايتا ئويلانغاندا ئىشلىتىدىغان نۇقتىلىق سۆز-ئىبارىسى. لۇشۈن ئۆزىنىڭ «سەۋدايى خاتىرىسى» دېگەن ئەسىرىدە يەكۈنلىگەن «ئادەم يېيىش» ھادىسىسىنى، خىتايلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى ئەمەلىيىتىدىن يەكۈنلەپ چىققان. خىتاينىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، سۈيى مول، ئادەم كۈچى مەنبەسىمۇ يېتەرلىك بولۇپ، خىتايلارنى دۇنيادىكى ئەڭ ئەمگەكچان خەلق دېيىشكە بولىدۇ. بىراق نېمىشقا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ياشاش ئۈچۈن جان تالىشىپ كېلىۋاتىدۇ؟ خىتاي تارىخىدا زور كۆلەمدە ئادەم يېيىش ۋەقەلىرى ناھايىتى كۆپ خاتىرىلەنگەن. خىتاينىڭ تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسىرىنىڭ ھەممىسىدە ئادەم يېيىش تەسۋىرلەنگەن. خىتايلار ئىزچىل ئاچارچىلىقتا جان تالىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ تارىختا ئۆتكەن خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتاي خەلقى ئەمگەكچان، بىراق ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قانداق قوغداشنى بىلمەيدۇ. تارىختا ئۆتكەن ھاكىمىيەتلەرنىڭ يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى بولسا پۇقرالارنى بۇلاپ-تالاپ، پۇقرالار ھايات قالغۇدەك يېمەكلىكلەرنىلا قالدۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى ھايات قالدۇرۇپ، ئات، كالىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىش. خىتايلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات. كىتاب ئوقۇش ئەمەلدار بولۇش ئۈچۈنلا بولۇپ، خىتايدا ھايات قېلىشتىن ئارتۇق ماددىي كاپالەت پەقەت ئەمەلدار بولۇش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش خىتايدىمۇ مېتافىزىكىلىق تەرەققىيات پۇرسەتلىرى بولغان. خىتاي مەدەنىيىتىگە تۈپتىن تەسىر قىلغان كۇڭزى مەدەنىيىتى پەيدا بولغان يىللاردا، لاۋزى «ئەخلاقنامە (道德经)»نى يازغان بولۇپ، خىتايلارغا تۇنجى (ۋە ئەڭ ئاخىرقى) پەلسەپەۋى ئەسەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. لاۋزى تەشەببۇس قىلغان «تەرىقەت (道)» ئەمەلىيەتتە خىتايلارنى ئۆزىدىن مېتافىزىكىلىق ھالقىپ ئۆتىدىغان بىر پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن. بىراق خىتايلار باش كۆتۈرۈپ، ماددىدىن باشقا ھادىسىلەرنى ئويلاپ بولغىچە، كۇڭزى بەگلەرگە ۋائىزلىق قىلىپ، ياشاش ھوقۇقىنى مونوپول قىلىش ئارقىلىق خىتايلارنى قۇل قىلىدىغان نەزەرىيەلەر بىلەن ھوقۇقدارلارنى تەمىنلىگەن. «ئالۋاڭ-ياساق يىغقۇچىلار يولۋاستىنمۇ ۋەھشىيدۇر (苛捐猛于虎也)» دەپ خورسىنغان كۇڭزى ئاخىرىغا كەلگەندە، تارىختا ئۆتكەن خىتاي زىيالىيلارغا باشلامچى بولۇپ، دىكتاتورلار ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان ھاياسىز (بەتئەخلاق)(犬儒) بولۇشنى، زالىملارغا خۇشامەت قىلىدىغان ئاسراندى بولۇشنى تاللىغان. شۇندىن تارتىپ شەخسى ئىرادىنىڭ يېتىلىشى خىتاي مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە تۇنجۇقتۇرۇلغان. بۇ سەۋەپتىن خىتاي پۇقرالىرى پەقەت ياشاش ھوقۇقى ئۈچۈن تىركىشىدۇ، ئادەم بولۇش ئۈچۈن ياشاشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. مانا بۇ خىتاي جەمئىيىتىدە ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن، ياشاش ھوقۇقىنى مونوپول قىلىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش سىياسەت مودېلدۇر. بۇ خىل سىياسىي مودېل خىتايدا نەچچە مىڭ يىل داۋام قىلدى. ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ ئات، كالىنىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلگەن خىتايلارنىڭ ئېتىقاد قىلغۇدەك دىنى، پەخىرلەنگۈدەك كىشىلىك ھاياتى يوق، پەخىرلىنىشكە بولىدىغىنى پەقەتلا يەكتەك كىيىپ، ئۆرە تۇرۇپ ھاراق ئىچىدىغان «كۇڭ يى جى» تەپەككۇرى (孔乙己思维)دىن ئىبارەت، خالاس. ئۇنداقتا «كۇڭ يى جى» تەپەككۇرى دېگەن نېمە؟ «كۇڭ يى جى» تەپەككۇرى دېگەنلىك، ھەر بىر خىتاي ئۆزىگە ئوخشاش ئادەتتىكى پۇقرانى كەمسىتىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى قۇرۇق، دېگەنلىكتۇر. خىتايلار ھازىر ماددىي جەھەتتىن تويۇندى (يەپ، ئىچىپ تويدى)، بىراق مەنىۋى جەھەتتىن ھېچنېمىسى يوق (ئېغىر دەرىجىدە قۇرۇق). خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرۈشنى ئەڭ خالىمايدىغىنى مەنىۋى جەھەتتىن ئېچىرقاشقا باشلىغان خىتاي خەلقىدۇر. ئەگەر خىتايلارنىڭ مەنىۋى بوشلۇقىنى باشقا مەنبەلەر بىلەن تولۇقلىمىسا، خىتايلار ياشاش ھوقۇقىدىن تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى ھوقۇقلارنى ئىستەيدىغان بولىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت خاراكتېرلىك مىللەتپەرۋەرلىكنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مەملىكەت بويىچە خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن دېڭىزنى تىندۇرۇپ، ئارال ياساپ، ئالەم كېمىسىنى ئايغا قوندۇرۇپ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ؛ كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرگەن ئامېرىكىنى ئامېرىكا جاھانگىرلىكى، خىتايغا كېلىپ مەبلەغ سالغان ئافرىقىلىقنى قەلەندەر، ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان تىبەتلەرنى فېئودال، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دەۋاتىدۇ. پارتىيە مېدىيالىرىنىڭ تەشۋىقاتى ئاستىدا، ئەزەلدىن تارتىپ مەنىۋى دۇنياسى قۇرۇق بولۇپ كەلگەن خىتايلارنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد «كۇڭ يى جى»لارنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشى مانا مۇشۇنداق ئاسانغا توختىدى. بىر مىليارد 400 مىليون «كۇڭ يى جى»لار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش قىلىدۇ، «چوڭ دۆلەتنىڭ پەخىرلىك مىللىتى»دىن ئىبارەت ئىپتىخارلىق ئىچىدە مەست-ئەلەس بولۇپ يۈرىيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىچە چۇقان سېلىشى خىتايلارنىڭ ناھايىتى تەستە قولغا كەلتۈرۈپ، ھۇزۇرلىنىشقا باشلىغان ھايات قېلىشتىن كېيىنكى مەستلىكىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى شۈبھىسىز. شۇڭا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سولاپ قويۇش سىياسەتلىرىنى ئەلۋەتتە قوللايدۇ-دە.
«كۇڭ يى جى»لارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ يەنە بىر مەقسىتى «كۇڭ يى جى»لارنىڭ جارچىسى بولۇش ئۈچۈندۇر. «كۇڭ يى جى» بولسا غۇرۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئادەم، بىراق ئۇنىڭ غۇرۇرىنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغىنى ئۇنىڭ شەخسىي خاراكتېرى ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ ئىشلىرى، جاھاننىڭ ئىشلىرى بولۇپ، كېجۈ تۈزۈمى (科举، خانلىق ئىمتىھان تۈزۈمى) تەرىپىدىن سەۋدايى قىلىنغان، كەمبەغەللىكىدىن چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن زىيالىيلارنىڭ خاراكتېرىدۇر. بۇ خىل خاراكتېر پەقەت مەلۇم بىر مۇقىم چەمبىرەكنىڭ ئىچىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بۇ بىر خىل كوللېكتىپلاشتۇرۇلغان خاراكتېردۇر. خىتايلارنىڭ خاراكتېرى كوللېكتىپلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كوللېكتىپلاشتۇرۇلغان خاراكتېرمۇ بىر ئادەمنىڭ ۋەكىللىك قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بىر مىليارد 400 مىليون «كۇڭ يى جى»لارنىڭ ھېسىياتىنى بىر يەرگە جەملىگەندە غايەت زور كۈچ بولىدۇ، شۇنداقلا ناھايىتى كۈچلۈك بىر ھاكىمىيەتنىڭلا ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليارد 400 مىليون خىتاينىڭ ھېسسىياتىنىڭ ۋەكىلى بولۇۋالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلا بولغان سەلبىي دوكلاتلار مەۋجۇت بولىدىكەن «خىتاي خەلقىنىڭ ھېسسىياتىنى ئېغىر دەرىجىدە نابۇت قىلىدۇ، خىتاي خەلقىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ.»
ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ئۇزۇن ۋاقىت بۇ خىل كوللېكتىپلاشتۇرۇلغان خاراكتېرغا ۋەكىللىك قىلغاندىن كېيىن، خىتايلارمۇ بۇ خىل قامىلىپ قالغان تۇرمۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن. دۆلەت ئىچىدە ياشاۋاتقان خىتايلارلا ئەمەس، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان خىتايلارمۇ روھى ۋە خاراكتېرىنى مۇشۇ چەمبىرەككە تەۋە قىلغان ھالدا ياشاپ كەلمەكتە. نورۋېگىيەدە ياشايدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ پويىزدا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن، نورۋېگىيەدە ئالىي مەكتەپ پىروفېسسورى بولغىلى 15 يىل بولغان خىتاي بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن يىغىۋېلىش لاگېرى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەندە بۇ پىروفېسسورنىڭ چىراي ئىپادىسىدە ھەيران قالغانلىق ئەكس ئەتكەن، ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى پەقەت ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان. پاراڭلىشىش ئارقىلىق بۇ ئۇيغۇر ئۇ پىروفېسسورغا ئوخشاش خىزمەت قىلىدىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان خىتايلارنىڭ ياۋروپادا ھەممىلا يەردە بارلىقىنى بىلگەن. بۇ خىتايلار گەرچە ياۋروپادا بولسىمۇ، تاكسىغا چىقىش، نەرسە سېتىۋېلىش، مېھمانخانا زاكاس قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۈندىدارنى ئىشلىتىدىكەن، ئالىپاي (支付宝، Alipay) ۋە ئالتۇن چۈمۈلە (蚂蚁金، Ant Gold) ئارقىلىقلا پۇل تۆلەيدىكەن. جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ياۋروپا بولسىمۇ، تىل ۋە ياشاش شەكلى پۈتۈنلەي خىتاي دۆلەت ئىچى بىلەن ئوخشاش ئىكەن، ھەتتا ئۇچۇر ئىزدەش ۋە ئالماشتۇرۇشتىمۇ ئۈندىدار ئىشلىتىدىكەن. گەرچە چەتئەلدە ياشىسىمۇ، ئۈندىدارنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرى خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى ساقلىغۇچتا سۈزۈلىدىغانلىقى، سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئوقۇشقا، تارقىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ھەممىسى بىلىدىكەن ۋە شۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىكەن. خىتايلار تەرەققىي قىلغان دۆلەتلىرىدە ياشىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان چەمبىرەكنىڭ ئىچىدە ياشاشنى تاللىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى نازارەت چەمبىرىكىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، Facebook، Linkdin قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتى سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. ھازىر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى نازارەت قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.
بىز خىتاي خەلقىنى بۇ ئىشلارنى تونۇپ يەتتى، دەپ قارىمايمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاش ۋەقەسى پەقەت بىر كىچىك تەجرىبە ئېتىزىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبيېكتى خىتايلارنىڭ ئۆزىدۇر. خىتاي كومپارتىيەسى ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ، پەقەت خىتايلارنىڭ ئويغىنىشىدىن قورقىدۇ. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان ھەقىقىي كۈچ خىتاي خەلقىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا تەبىقە ئائىلىلەرنىڭ پەقەت ياشاش ھوقۇقىلا بولۇشىغا رازى بولمايدىغانلىقىنى بارا-بارا بىلىپ يەتتى. ئوتتۇرا تەبىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتايلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا بولغان تەشنالىقىمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى. ئالداش ۋە قورقۇتۇش خىتايلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھوقۇقلارغا بولغان تەلەپلىرىنى توختىتالمىغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ تايىنىدىغىنى مۇستەبىتلىكنى يۈرگۈزۈشتۇر. تارىختا ئۆتكەن ھاكىمىيەتلەرگە ئوخشاش خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئولتۇرسا-قوپسا ئويلايدىغىنى ئەسلىدە ئات، كالا بولۇشقا تېگىشلىك خىتايلاردۇر. بۇرۇن خىتايلار چەمبىرەكنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ ئات، كالا بولۇشقا رازى ئىدى، بىراق ھازىر ئويغىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنى داۋاملىق ئات، كالا قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت قورال كۈچى ئارقىلىق ئۇلارنى سولاشتىنمۇ يانمايدۇ. بۇ ئىشنى ئەڭ بۇرۇن بايقاپ قالغان خوڭكوڭلۇقلار ئورنىدىن دەس تۇردى. خوڭكۇڭلۇقلار ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئەنگلىيەگە تەۋە بولغان خوڭكۇڭ دەۋرىدە، خوڭكۇڭلۇقلار ياشاش ھوقۇقىدىن باشقا ئومۇمىي سايلام قاتارلىق گىراژدانلىق ھوقۇقلىرىنىڭمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ يەتكەن ئىدى. ھازىر ئۇلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش بىلەن ئوخشاشلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئەمما خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خىتايلار يەنىلا ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ياشاش ھوقۇقىنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار خوڭكۇڭلۇقلارنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈپ كۈچ كۆرسىتىشلىرىنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ، يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىكتاتورىسىنى ئاقلاۋاتماقتا، ۋە يامانغا يانتاياق بولماقتا.
خىتايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىشىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىشىمىز ھەرگىزمۇ خىتايلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلمىغانلىقىنى سېسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتايلارغا ئۆزلىرىنى تونۇيدىغان مەيدان ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈندۇر. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە كېرەكلىك بولغان مۇساپىنىڭ ئەسىردىن بىر يىلغا ياكى بىر كۈنگە قىسقارغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتىمىز . پەن-تېخنىكا ئىنسانلارنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوخشىمىغان كىشىلەر توپى، ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈۋاتىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشلىرى تار دائىرىدىكى كىشىلەر توپى (مىللەتلەر توپى) تونۇشىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئاللىقاچان كۆچتى. كىشىلەرنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىمۇ ئۈزلۈكسىز ئومۇملاشماقتا. ساپ بىئولوگىيەلىك مەنىدىكى ئادەمگە بولغان ئورتاق تونۇش، نەچچە مىڭ يىللىق جىددىي بولغان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاڭ جەھەتتىكى ئورتاق تونۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى ۋە تېخىمۇ ئەۋزەللەشتى. ئىنسانىيەت ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇسۇلىدىن گۇمانلىنىدىغان بولدى. كىم يېڭىپ، كىمنىڭ يېڭىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە يەڭگۈچىنىڭ بويسۇندۇرغىنى ۋە ۋەيران قىلغىنى يەنىلا ئاۋام-پۇقرانىڭ يۇرت-ماكانىدۇر، ھالاك قىلغىنى بولسا ئىنسانىيەت، ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ يۇرت-ماكانىدۇر. چۈنكى مەيلى شەرقلىق بولسۇن ياكى غەربلىك بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن ياكى خىتاي بولسۇن، بىز ئىنسانىيەت ئوخشاش بىر پىلانېتتا ياشايمىز. مۇشۇ پىلانېتتا ياشايدىغان ئەڭ چوڭ ئېتنىك گۇرۇپپا بولغان خىتايلار، ئۆز ھەرىكەتلىرىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇشى كېرەك.
ئەگەر ھەر بىر خىتاي ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىغا ئەستايىدىل قارايدىغان بولسا، مەيلى ئېتنىك گۇرۇپپا ياكى مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانىيەت ئەۋلادلىرىنىڭ تەقدىرىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى چوقۇم چۈشىنىشى كېرەك. «بېشىڭنى تىقىپ جىم ياشا (各自扫门前雪)» دېگەن ئىبارە ھەرگىزمۇ كېيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتە ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك. ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانلار ۋە مۇستەبىتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، پۇقرالارغا قانداقمۇ كۆڭۈل بۆلسۇن. كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى ۋە سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىشىدەك مەسىلىلەر ئىنسانىيەتنى ئاللىقاچان ئاگاھلاندۇرماقتا، ۋە بۇلار كېيىنكى ئەۋلادلار ئورتاق ھەل قىلىشىغا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە ئايلانماقتا. يەرشارى بىزنىڭ ۋە بىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىمىزنىڭ بىردىنبىر يۇرت-ماكانىدۇر.
ئەي، خىتايلار! بۇ خەت ئىنسانىيەتنىڭ بىر قىسىمى بولغان سىلەرگە يېزىلدى. مەيلى خىتايلار، مەيلى ئۇيغۇرلار، مەيلى ئاق تەنلىكلەر ياكى قارا تەنلىكلەر بولسۇن، بىز ھەممىمىز ئىنسانىيەت چوڭ ئائىلىسىدىكى قېرىنداشلاردۇرمىز. مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئەقىل-پاراسەت بولسا ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزىدىغان ئەڭگۈشتەرلەردۇر، بىز پەقەت قول تۇتۇشۇپ بىللە كەلگۈسىگە قاراپ ماڭغىنىمىزدا، ئاندىن بۇ ئەڭگۈشتەرلەرنى يوقىتىپ قويمايمىز. ئىنسانىيەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن، سېنىڭ ئەنئەنەڭ يەنىلا ھازىرغا ۋە كەلگۈسىگە خىزمەت قىلالايدۇ. مەسىلەن، «بىر يىلتىز ۋە بىر غولدىن ئۆسۈپ چىققانتى ئۇلار، قېرىشىشقا ئۆزئارا نېچۈن شۇنچە ئالدىرار (本是同根生,相煎何太急).» دېگەن قەدىمىي شېئىردىكى بىر يىلتىزنى ئەنئەنىۋى ئۇرۇقداشلىق ئېڭىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە كېڭەيتەلەيمىز. پەن-تېخنىكا بىزگە ئىنسانىيەت يىلتىزىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. يەرشارى دەپ نام بېرىلگەن بۇ پىلانېتتا ياشاۋاتقان بىز ئىنسانلارنىڭ خاتا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بۇ پىلانېتا ھالاكەتكە قاراپ يۈز تۇتتى، ئەمما ئىنسانىيەت بىلىپ يەتكەن ئالەم بوشلۇقىدا ئىنسانلار ياشاشقا ماس كېلىدىغان پىلانېتادىن ھازىرغىچە بىرىمۇ يوق. كەلگۈسىدە ئىككىنچى بىر يەرشارى بايقالغان تەقدىردىمۇ، كۆچۈپ بېرىشقا ۋاقتىمىز ۋە تېخنىكىمىز يار بەرمەيدۇ. كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئەقىل-پاراسىتىمىزنى دىكتاتۇرلارغا ۋە مۇستەبىتلەرگە خىزمەت قىلىشقا ئىشلىتىپ، ئاخىرىدا ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ۋەيران قىلغۇچە، نېمە ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتىمىزنى بۇ گۈزەل پىلانېتانى قوغداپ قېلىپ، ئەسلىدىلا مۇكەممەل بولغان يۇرت-ماكانىمىزنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرۇپ قويۇشقا ئىشلەتمەيمىز؟
ئەي، خىتايلار! دىكتاتۇر ھاكىمىيەتكە «ياق!!!» دەيدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى، ئورنۇڭلاردىن دەس تۇرۇپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى، كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەسئۇل بولىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى.
ئەي، خىتايلار! بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بىر قىسىمى بولغان سىلەرگە يازغىنى.

تۆۋەندىكى تور بەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى تاپالايسىز:

Uyghur News (Monday, Jan. 27, 2020)

Most links listed below can also be found at:

China Detains Hui Muslim Poet Who Spoke Out Against Xinjiang Camps

Trial of Uyghurs Resumes in 2015 Thailand Shrine Bombing Case